ئەردوغان: يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان رايونلاردا بىر قىسىم كەنت ئۆيلىرى پۈتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان رايونلاردا 27 مىڭ 949 تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم كەنت ئۆيلىرىنىڭ پۈتۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1967229
ئەردوغان: يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان رايونلاردا بىر قىسىم كەنت ئۆيلىرى پۈتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى چانكايا سارىيىدا بىر قىسىم خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرلەشمە نەق مەيداندىن تارقىتىش پروگراممىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان 6-فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتىدىن قۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «خەلقىمىز خاتىرجەم بولسۇن، 20 يىلدا 1 مىليون 180 مىڭ بىخەتەر ئۆي ۋە 3 مىليون 300 مىڭ شەھەر ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان خادىملار، ئىشنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىز يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان رايونلاردا يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئۇلىنى سالدۇق ۋە ئۇل سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادىيامان، قاھرامانماراش، غازىئانتەپ، ھاتاي ۋە مالاتيا قاتارلىق جايلاردا جەمئىي 27 مىڭ 949 تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەتتا بىر قىسىم كەنت ئۆيلىرى ھازىر تاماملىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ياز پەسلىگىچە ئۇلارنى تاماملايمىز. ئەگەر بىز بىر ئىشنى <قىلىمىز> دېسەك، ئۇنى چوقۇم قىلدۇق ۋە قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر