ئەردوغان نوۋاك بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى — تاناپ» ئارقىلىق ۋېنگىرىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەر قانداق ياردەمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1967233
ئەردوغان نوۋاك بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى كاتالىن نوۋاك بىلەن ئايرىم ۋە ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇردى.

نوۋاكنىڭ 6 - فېۋرالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دوست ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىكى ۋە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ نوۋاك بىلەن تۈركىيە - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى؛ بۇ دائىرىدە سودا، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا،  ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تۈركىيە - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورتاق ئىرادىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، 6 – نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ دېكابىر ئېيىدا ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى — تاناپ» ئارقىلىق ۋېنگىرىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەر قانداق ياردەمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر