ئەمىنە ئەردوغان ئامېرىكادا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان ب د ت نىڭ «30-مارت خەلقئارا نۆل ئەخلەت كۈنى» ئالاھىدە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ باردى.

1967203
ئەمىنە ئەردوغان ئامېرىكادا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان نيۇ يوركتا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى ساھىبە غافاروۋا بىلەن كۆرۈشتى.

ئەمىنە ئەردوغاننىڭ غافاروۋا بىلەن نيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ قاتناشتى.

ئەمىنە ئەردوغان ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك تۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بىز نۆل ئەخلەتكە دائىر تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. مۇھىت مەسىلىسىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى شۇنداقلا كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى ئورتاق كۈرەشتە بىردەك پىكىرگە ئىگەمىز» دېدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 2022 - يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە ئاساسلىق تەكلىپ سۇنغۇچىسى بولغان ۋە جەمئىي 105 دۆلەت بىرلىكتە سۇنغان «نۆل ئەخلەت» قارارىنى ماقۇللىغان ئىدى.

ئومۇمىي كېڭەشنىڭ بۇ قارارى بىلەن 30-مارت «خەلقئارا نۆل  ئەخلەت كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر