ئەردوغان ئەلبىستان ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن 7.6 باللىق يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ ئەلبىستان ناھىيەسىدە ئاپەتتىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

1952744
ئەردوغان ئەلبىستان ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىققان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى بىلەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا دەستىجىمۇ ھەمراھ بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلبىستان ناھىيەسىدىن كېيىن، قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ ئافشىن ناھىيەسى ۋە مالاتيا ۋىلايىتىنىڭ دوغانشەھىر ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئۇ بۇ يەردە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ھەمدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر