گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پازارجېك ناھىيەسىنى زىيارەت قىلدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيزا (Nancy Faeser) 6-فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ مەركىزى قاھرامانماراشنىڭ پازارجېك ناھىيەسىنى زىيارەت قىلدى.

1949926
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پازارجېك ناھىيەسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيزا «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان، 6-فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ مەركىزى قاھرامانماراشنىڭ پازارجېك ناھىيەسىنى زىيارەت قىلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيزا ئاپەت رايونىدا گېرمانىيەلىك پىدائىي دوختۇرلارنىڭ تېببىي مۇلازىمەت چېدىرىنى كۆردى. ئارقىدىن ناھىيە مەركىزىدىكى خارابىلىكلەرنى ئايلاندى.

بايېربوك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: «بۇ ئاپەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىپادىلىشتە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ» دېدى ۋە خەلقئارا ياردەمنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە، چېدىر، تېببىي مالزىمىلەر، يېمەك-ئىچمەك، ئەدىيال ۋە گېنېراتور ئۈچۈن 50 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا قىلىنىدىغان ياردەمنى 108 مىليون ياۋروغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ گېرمانىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى بارلار ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقلىرىنى، ئاپەت رايونلىرىدا بىردىن «ۋىزا ئاپتوبۇسى» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيزا ئۆزلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكلىرىنى، بۇ يەردە غەم-قايغۇرلارنى ئەمەس، بەلكى ياردەملەرنىڭ ياخشى شەكىلدە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر