قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 42 مىڭ 310 غا يەتتى

6-فېۋرالدا قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە 11 ۋىلايەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن 7.7، 7.6 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 مىڭ 310 غا يەتتى.

1949581
قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 42 مىڭ 310 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋەرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە 42 مىڭ 310 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئاپەت رايونلىرىدىن 448 مىڭ 18 كىشىنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەردە 270 نۇقتىدا چېدىر شەھىرى قۇرۇلۇپ، جەمئىي 300 مىڭ 809 چېدىرنىڭ تىكىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى يەنە، 6-فېۋرالدا مەركىزى قاھرامانماراش بولغان، 20 - فېۋرالدا مەركىزى ھاتاي بولغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، جەمئىي 7224 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر