يەر تەۋرەشنىڭ 261 - سائىتىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇتۇلۇش...

خارابىلىكلەر ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كىچىككىنە بولسىمۇ تەسەللىي بەرمەكتە؛ «مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇتۇلۇشلار» پۈتكۈل تۈركىيەنى ھاياجانلاندۇرماقتا.

1947687
يەر تەۋرەشنىڭ 261 - سائىتىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇتۇلۇش...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر تەۋرەشنىڭ  261  - سائىتىدە 26 ياشلىق مەھمەت ئەلى شاكىرئوغلۇ بىلەن 34 ياشلىق مۇستافا ئاۋجى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان 7.7، 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ھاتاي ۋىلايىتىدە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يەر تەۋرەشنىڭ 261 – سائىتىدە، ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئانتاكيا ناھىيەسىدىكى بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 26 ياشلىق مەھمەت ئەلى شاكىرئوغلۇ بىلەن 34 ياشلىق مۇستافانى قۇتقۇزۇۋالدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن 261 سائەت ئۆتكەندە خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىلغان بالىلىرىنى كۆرگەن ئائىلىلەر، خۇشاللىق كۆز يېشى قىلدى.

يەر تەۋرەشنىڭ 260 – سائىتىدە، ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئانتاكيا ناھىيەسىدىكى بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 14 ياشلىق ئوسمان ھالەبىيە قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئوسمان ھالەبىيە خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ دۇلقادىرئوغلۇ ناھىيەسىدە، يەر تەۋرەشنىڭ 248 – سائىتىدە، بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 17 ياشلىق ئالەينا ئۆلمەز ئىسىملىك بىر قىز قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.

دوختۇرلار، ئالەينا ئۆلمەزنىڭ ھايات قېلىشىنى «تېببىي خاراكتېرلىك مۆجىزە» دەپ قارىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر