يەر تەۋرەشنىڭ 248 - سائىتىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇتۇلۇش...

خارابىلىكلەر ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كىچىككىنە بولسىمۇ تەسەللىي بەرمەكتە؛ «مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇتۇلۇشلار» پۈتكۈل تۈركىيەنى ھاياجانلاندۇرماقتا.

1947300
يەر تەۋرەشنىڭ 248 - سائىتىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇتۇلۇش...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر تەۋرەشنىڭ  248  - سائىتىدە 17 ياشلىق قىز ئالەينا قۇتقۇزۇۋېلىندى.

6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن ھەمدە تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن، «100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ياردەم ئەترەتلىرى، يەر تەۋرەشنىڭ 248 – سائىتىدە بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 17 ياشلىق ئالەينا ئۆلمەز ئىسىملىك بىر قىزنى قۇتقۇزۇۋالدى.

ئالەينا ئۆلمەز خارابىلىك ئاستىدىغان چىقىرىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر