دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

نۇرغۇن دۆلەتلەر قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىدە يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەر تۈپەيلى خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى.

1943269
دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
Kazakistan_yardım_deprem
Kazakistan Kurtarma Ekibi-2.jpg
Kazakistan_yardım_deprem
deprem yardımlar.jpg
Azerbaycan yardım
Kırgızistan arama-kurtarma ekibini gönderdi 3.jpg
Rescue.jpg
Tayvan Arama Kurtarma Kahramanmaraş Depremi.jpg
Çekya Arama Kurtarma Deprem1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان ئىككى ئايروپىلاننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقى ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، ئايروپىلانلارنىڭ بىرىگە تولۇق ئەسلىھەلىك بىر سەھرا دوختۇرخانىسىنىڭ قاچىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە 420 خادىم ئەۋەتكەنىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەربىي قىسىملىرى، ھەرقايسى ئاممىۋى ئورگانلار ۋە پۇقرالار تەمىنلىگەن دورا، يېمەكلىك، ئىسسىتقۇچ، ئەدىيال، كىيىم-كېچەك، چېدىر ۋە باشقا بۇيۇملار ئېلىپ ماڭغان ئىككى پاراخوت تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئۆزبېكىستان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقىدىن 100 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ، تاشكەنت ئايرودۇرۇمىدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركمەنىستان يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتتى.

قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدىغان 41 كىشىلىك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققان ئايروپىلانى غازىئانتەپ ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

بېلارۇسىيە يەر تەۋرەشتىن كېيىن خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئىزدەش ئىزدەش — قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گىرۇزىيە خارابىلىك ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەگە ئەۋەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پرايس، 79 كىشىلىك ئامېرىكا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىمۇ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى يولغا قويدى.

ئامېرىكادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەرقايسى ئىدارە – ئورگانلار يەر تەۋرەشنى چۆرىدىگەن ھالدا ياردەم توپلاش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا؛ نيۇ-يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە توپلانغان ياردەم ماتېرىياللىرىمۇ ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرى ئالېكساندر كۇرېنكوف رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلىرىغا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى، سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سەھرا دوختۇرخانىسى  ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

فىرانسىيە 136 كىشىلىك 2 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونىغا قارپ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ كۆلىندىن شەھىرىدىن 41 خادىم، يەتتە ئاپشاركىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

ياپونىيەنىڭ 18 كىشىلىك خەلقئارا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

خىتاي قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قاھرامانماراشقا خەلق قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتتى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادورنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 145 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تۈركىيەگە ئەۋەتتى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئاپەت رايونىغا 55 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى يوللىدى.

باش مىنىستىر شاھباز شەرىفنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، پاكىستان تۈركىيەگە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئەۋەتتى.

سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكلې يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تۈركىيەگە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن، شىمالىي ماكېدونىيە 40 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن خەلق مۇداپىئەسى ۋە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى 12 سى ئەرەب دۆلىتى بولۇپ جەمئىي 14 دۆلەت، تۈركىيەگە ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولمۇ تۈركىيەگە دەرھال ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى يوللاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

ھىندىستاندىن 50 دىن ئارتۇق ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يولغا چىققان ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچىسى ئاداناغا قوندى.

قاتار يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان تۈركىيە بىلەن سۈرىيەگە 10 مىڭ سەييارە ئۆي ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مولداۋىيە پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، مولداۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ 55 خادىم، 12 ئاپتوموبىلدىن تەركىپ تاپقان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر