ئەردوغان تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قارىتىلىپ، بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇدىرى شېھىت قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېدى.

1938898
ئەردوغان تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىسىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدىكى باياناتىدا، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قارىتىلىپ، بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇدىرى شېھىت قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن ھال سورايمەن، يارىدارلارنىڭ سالامەتىلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن. تۈركىيە جانىجان دوستى ۋە قېرىندىشى ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۈگۈن ئەتىگەندىكى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئەلچىخانىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ئەترەتنىڭ مۇدىرى قازا قىلغان، ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر