ئامېرىكا تۈركىيەگە «F-16» سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان ماددىلارنى قانۇن لايىھەسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋە تۈركىيەگە «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىلىشىنى چەكلەش خاراكتېرلىك شەرتلەرگە باغلانغان ماددىلار، ئامېرىكا مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسىدىن چىقىرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ئىككى قانىتىدىن تەشكىل تاپقان ئەزالارھەيئىتى 857 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە خامچوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەش قانۇنى لاھىيەسىنى تۈزۈتۈپ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تاماملىدى.
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان يېڭى خامپىشىر ئىشتاتى ۋەكىلى دېموكراتچى كىرىس پاپپاس، فلورىدا ئىشتاتى ۋەكىلى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى گۇس بىلىراككىس، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نيۇيورك ۋەكىلى نىكول ۋە يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ ۋەكىلى دېموكراتچى فرانت پاللون قاتارلىق 18 ۋەكىل تەرىپىدىن قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسىغا قوشۇلۇپ سۇنۇلدى.
قانۇن لايىھەسىدەö تۈركىيەگە «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىلىشىنى چەكلەش خاراكتېرلىك شەرتلەرگە باغلانغان ماددىلار ئورۇن ئالمىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيەگە «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى چەكلەش خاراكتېرلىك شەرتلەرگە باغلانغان ماددىلار دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى قانۇن لايىھەسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.