ئەردوغاننىڭ تىۋىتتېر ھېسابى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئەڭ كۈچلۈك تىۋىتتېر ھېسابىغا ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تىۋىتتېر ھېسابى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئەڭ كۈچلۈك تىۋىتتېر ھېسابىغا ئايلاندى.

1915535
ئەردوغاننىڭ تىۋىتتېر ھېسابى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئەڭ كۈچلۈك تىۋىتتېر ھېسابىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاخبارات ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى ئىسمائىل جەسۇر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىسمائىل جەسۇر: «يەرشارى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئاگېنتلىقىغا تەۋە دىجىتال دىپلوماتىيە تەتقىقات جەمئىيىتى <تىۋىتتېردىكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلەر> تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى» دېدى.

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خۇسۇسىي تىۋىتتېر ھېسابى 2022 – يىلىدا بىراقلا ئىككى بالداق ئۆرلەپ، 19 مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بىلەن دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئەڭ كۈچلۈك تىۋىتتېر ھېسابىنىڭ ئىگىسى شۇنداقلا ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي داھىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان.

تىزىملىكتە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك بىرىنچى ھېسابنىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىغا، ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنچى ھېسابنىڭ بولسا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا تەۋە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر