ئەردوغان تۈركئۆيىدە رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە تاشلاندۇق بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈركئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاشلاندۇق بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى.

1882152
ئەردوغان تۈركئۆيىدە رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە تاشلاندۇق بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى
erdogan cifti atik sergisi2.jpg
erdogan cifti atik sergisi1.jpg
erdogan cifti atik sergisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تۈركئۆيىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاشلاندۇق بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

رەسسام دەنىز ساغدىچتىن كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  باتارېيە، دورا، سۇلياۋ، توقۇمىچىلىق، شېشە ئاغزى ۋە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار قاتارلىق ئوخشىمىغان تاشلاندۇقلاردىن لايىھەلەنگەن ماي بوياق رەسىملەرنىڭ جەزبىدارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان،  ئاخىرىدا رەسسامغا مۇھىت ئاسراش پائالىيەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر