ۋارانك: توگگ كېلەر يىلى مارت ئېيىدا بازارغا سېلىنىدۇ
سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۈركىيەنىڭ مىللىي ئاپتوموبىلى توگگنىڭ كېلەر يىلى مارت ئېيىدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1874096
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋارانك، ئىستانبۇلدا بىر رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ مىللىي ئاپتوموبىلى توگگ ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، بۇرسانىڭ گەملىك ناھىيەسىدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ 29 – ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تۇنجى ئاپتوموبىللار، بەزى رەسمىيەتلەرنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، 2023 – يىلى مارت ئېيىدا بازارغا سېلىنىدۇ.»
ۋارانك، C دەرىجىلىك SUV تىپىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئىچىدىن يانىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئوخشاش باھادا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.