گوللاندىيەدە 2 تۈرك ئۆلتۈرۈلدى

گوللاندىيەدە  بىر قوراللىق زوراۋان رېستوراندا غىزالىنىۋاتقان ئىككى تۈركنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كەتتى.

1805348
گوللاندىيەدە 2 تۈرك ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېستوراندا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى كىشىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرىنىڭ «تۈركچە خەۋەرلەر تور بېتى» نىڭ ساھىبى ھ. ت ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئا. ت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گوللاندىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر زوراۋاننىڭ، گوللاندىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زۋوللې شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا كىرىپ، ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى قازا قىلغان.

گوللاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىر شاھىتنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، زوراۋان رېستورانغا كىرىپلا ئۆزى نىشان قىلغان ئىككى كىشىگە ئوق چىقارغان، ئەتراپتىكى ئىنسانلار قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، سىرتقا ئۆزلىرىنى ئاتقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۇجۇم ئەسناسىدا رېستوراندا بالىلىق ئائىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشى بار بولۇپ، ساقچىلار ئەتراپتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن، ھەمدە زوراۋاننى ئاختۇرۇش - تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر