تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئافغانىستانغا 142 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يوللىدى

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ قېتىم ئافغانىستانغا ياردەم قولىنى سۇندى.

1723990
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئافغانىستانغا 142 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5 يۈك ئاپتوموبىلىدا لىق يېمەكلىك ياردىمى پاكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.

142 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدىكى تورخام چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتتى.

ياردەملەر ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل بىلەن دەيكۇندى، لاخمان ۋە نۇرىستان ۋىلايەتلىرىدە تارقىتىلىدۇ.

يېمەكلىك ياردىمىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى 2-ئۆكتەبىردىمۇ ئافغانىستانغا 33 توننا يېمەكلىك ياردىمى قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر