مۇستافا شەنتوپ مەۋلۇت قاندىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ مەۋلۇت قاندىلىنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە ئۇممىتى مۇھەممەد ئۈچۈن خەيرلىككە ۋەسىلە بولۇشىنى، مەنىۋى بىر ئويغىنىش ۋە قايتىدىن تىرىلىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىنى تىلىدى.

1720783
مۇستافا شەنتوپ مەۋلۇت قاندىلىنى تەبرىكلىدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە بۇ يىل باش تېمىسى «پەيغەمبىرىمىز ۋە ۋاپادار جەمئىيەت» دەپ بېكىتىلگەن «مەۋلۇدى نەبى ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ئىستانبۇل بۈيۈك چاملىچا جامەسىدىكى ئېچىلىش پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، يەكشەنبىنى دۈشەنبەگە باغلايدىغان كېچىدە، يەنى رېبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى كەچتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1450 - يىللىقى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋلۇت قاندىلىنى تەبرىكلىدى.
مۇستاپا شەنتوپ مەۋلۇت قاندىلىنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە ئۈممىتى مۇھەممەد ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى، مەنىۋى ئويغىنىش ۋە قايتىدىن تىرىلىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىنى تىلىدى.
مۇستاپا شەنتوپ ئەسىرلەردىن بۇيان تىنچلىق ۋە بەخت-سائادەت ماكانىغا ئايلانغان ئىسلام جۇغراپىيەسىدە، بۈگۈنكى كۈندە يېتىم-يېسىرلار ۋە ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ ئوت ئاپىتى ماكانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىسلام دۆلەتلىرىدە بېقىلىۋاتقان خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى جامەدە ناماز ئوقۇۋاتقان مۆئمىنلەرنى، بازاردا سودا- سېتىق قىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنى ۋىجدانسىزلارچە ئۆلتۈرمەكتە. بىز ئۈمىد نۇرى ئىزدەۋاتقان، زۇلۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتقان شۇنداقلا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى سېغىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بىزگە چارە بولىدىغان نىجاتلىق يولى ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بۇ يول ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانى كەرىم ۋە ئۇنىڭ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ يوللىغان پەيەمبىرىنىڭ رەھبەرلىكىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر