ئەردوغان: ئاپتوموبىلىمىز تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئەڭ ياخشىلار بىرلەشمىسىنىڭ ماھىرى بولۇشقا تەييارمىز» دېدى.

1457527
ئەردوغان: ئاپتوموبىلىمىز تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يەرلىك ئاپتوموبىل TOGG ئىشلەپچىقىرىلىدىغان TOGG سۇپىسى لايىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

«خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى دۆلىتىمىزنىڭ كۈچىگە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ تۈرگە ئىگە چىقتى» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىلى تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى» دېدى.

زاۋۇتنى 18 ئاي ئىچىدە پۈتكۈزۈپ، ئاپتوموبىلنى 2022 – يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە قېپىدىن چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «مەھسۇلات دائىرىمىز، تېخنولوگىيەمىز، خىزمەت مودېلىمىز، خىزمەت پىلانىمىز ۋە تەمىنلىگۈچىلىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشىلار بىرلەشمىدە ئويۇنچى (ماھىر) بولۇشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۈيۈك، كۈچلۈك ۋە يېڭىلىقچى دۆلەت قارىشىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ ئەسەرنىڭ ياش ئەۋلادلارغا ئىلھام بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئۆزىنى TOGG ئارقىلىق ئىسپاتلىغان شىركەتلەرنىڭ يەرشارىلىشىش يولىغا قەدەم قويىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر