تۈركىيەدە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيەدە پەلەسىتنلىك شېھىتلەر ئۈچۈن 3 كۈنلۈك  مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلىندى.

970987
تۈركىيەدە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىلىشى جەريانىدا قەتل قىلغان پەلەسىتنلىك شېھىتلەر ئۈچۈن 3 كۈنلۈك مەملىكەتلىك ماتەم تۇتۇش قارارى چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەمنەپەس بولۇش، پەلەسىتنلىك شېھىتلەرنى ياد ئېتىش مەقسىتىدە مەملىكەت بويىچە 3 كۈنلۈك ماتەم تۇتۇش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلدى.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىمۇ «قۇددۇيس» مەسىلىسى توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە باش ئەلچىلىرىنىڭ مەسلىھەت ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە چاقىرىلىشى توغرىلىقمۇ مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈركىيە، جۈمە كۈنى تەشكىلاتنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر