ئىستانبۇل 3 – ئايرودۇرۇمنىڭ چىراغلىرى
ئىستانبۇلدىكى 3 – ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنىڭ چىراغلىرى تۇنجى قېتىم ياندى.
918550
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئايرودۇرۇمنىڭ كۆۈرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلەشتى.
مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇلۇشىنىڭ % 80 تى تاماملانغان، ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 750 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان تۇنجى ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنىڭ چىراغلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىمۇ تاماملانغان.
ئىيۇل ئېيىغىچە بارلىق سىستېمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن ئۇچۇش كونتىرولى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان 3 – ئايرودۇرۇمىنىڭ 29 – ئۆكتەبىردە ئىش باشلىشى پىلانلانماقتا.