13 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشى تۈركىيەنى ماتەمگە چۆمدۈردى

تۈركىيە ماتەمگە چۆمدى... شىرناق تاغلىق رايونىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسى يۈز بېرىپ، 13 ئەسكەر شېھىت بولدى.

743470
13 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشى تۈركىيەنى ماتەمگە چۆمدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاغا ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاندا 1 بىرىگادا گېنېرالى، 2 پولكوۋنىك، 1 پودپولكوۋنىك، 1 مىڭبېشى، 3 يۈزبېشى، 1 لېيتېنانت، 2 ستارشى سېرژانت، 2 سېرژانت بار ئىدى.

ئۇلۇدەرە ناھىيەسىگە قاراشلىق شەنوبا بازىرىدىن قوزغالغان كوگار تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان قوزغىلىپ ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا سوقۇلۇپ كېتىپ چۈشۈپ كەتتى.

شېھىتلەرنىڭ ئارىسىدا 23- چېگرا دىۋىزىيەسى قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى ئايدوغان ئايدىنمۇ بار ئىدى. يەنە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئايال قوماندانى پودپولكوۋنىك سونگۈل ياقۇتمۇ مەزكۇر قازادا شېھىت بولدى.

43 كۈننىڭ مابەينىدە ئايدوغان ئايدىننىڭ قوماندانلىقىدا پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى تېررورچىلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەن ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغانىدى.

شىرناق دۆلەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن شېھىتلەر ئۈچۈن بۈگۈن شىرناقتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. ئارقىدىن شېھىتلەر يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قازا خەۋىرى ئەنقەرەنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى؛ باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھمەت شىمشەك، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ۋە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن رايونغا قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، شېھىت ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى؛ ئۇ تېلېگراممىسىدا، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېقىنقى ئايلاردا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بۇ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى دۆلەت ۋە مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەتئىي ئۇنتۇمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

قايغۇلۇق خەۋەرنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئازابلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ، «بىزنى چوڭقۇر ئازابقا مۇپتىلا قىلغان بۇ ۋەقەدە شېھىت بولغان قەھرىمان ۋەتەن ئەۋلادلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن» دېدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، شىرناقتا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قازاغا ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولۇپ ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر