تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى: سۈرىيەلىكلەرگە سېلىنىدىغان ئۆيلەرنى ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتكۈزىمىز

تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە مۇقىم تۇرالغۇ سېلىپ بېرىدۇ.

724927
تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى: سۈرىيەلىكلەرگە سېلىنىدىغان ئۆيلەرنى ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى راىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى قاتاردىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان «AFIF Charity» بىلەن، ھاكىمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغاندىن كېيىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندا ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىش بويىچە قۇرۇلۇش توختامنامىسى تۈزدى.

توختامنامىدە كۆرسىتىلىشىچە،  «AFIF Charity» تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە 4 مىليون 500 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل بېرىدىكەن.

قىزىل ئاي جەمئىيىتى باشلىقى دوكتور كەرەم قېنىك، بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش لايىھەسى دائىرىسىدە مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىچە 40 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مەكتەپ، سەھىيە مەركىزى، جامە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزكۇر قۇرۇلۇشنى 6 ئاي ئىچىدە پۈتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر