تۈركىيە راشىدىنغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق راشىدىن رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

714185
تۈركىيە راشىدىنغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق راشىدىن رايونىدا يۈز بېرىپ، كۆپ سانلىقى پۇقرا ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خائىنلارچە ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەنگەن باياناتتا، «بۇ خىل ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ تۇرۇۋاتقان جايلىرىدا بىخەتەرلىكلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ ئۇ جايلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى، بۇ مەقسەتتە بىخەتەر رايونلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى زۆرۈر بولۇپ قالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، بۇ ھۇجۇمنىڭ سۈرىيەدە 2016 – يىلى 30 – دېكابىردا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر