ۋولكان بوزقىر سلوۋېنىيەدە زىيارەتتە بولدى

ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ۋولكان بوزقىر بېلگىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ چېدىر ئېچىشىغا كۆز يۇمۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

461875
ۋولكان بوزقىر سلوۋېنىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولكان بوزقىر سلوۋېنىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئۇ ت ر ت خەبەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىريۇسسېلدا قايتا چېدىر قۇرغانلىقىنى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر ئورۇنغا ئىگە ئەنقەرەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىپ، ئونلارچە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە بۇنچىۋالا كۆپ شېھىت بەرگەن تۈركىيەدە خاتىرجەملىكنى بۇزۇپ، ئۆزى خالىغانچە تەرتىپ ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، دوست دەپ بىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مەنزىرەنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان 72 ماددىدىن 41 ىنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى، باشقىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىن كۈتۈۋاتقان شەرتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى يولىدا بىر توسقۇنلۇق يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر