15.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2139864
15.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، غەربىي بالقان رايونىغا جايلاشقان ئالبانىيە، بوسنىيە-گىرېتسېگوۋىنا، شىمالىي ماكېدونىيە، سېربىيە ۋە كوسوۋۇدا ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى نەتىجىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رايون خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن رەھبەر ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالچى كۈچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «غەززەدىكى ئۇرۇش بىكاردىن بىكار چىقمىدى. ھاماس قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقدارنىڭ، تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە يەتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالپئارسلان بايراقدارنىڭ، «بۇ قىش نەخچىۋاننىڭ تەبىئىي گاز تۈركىيەگە كېلىدۇ. شۇڭا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ تۇرۇبا يولىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا «6A -تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى، 14-ئىيۇندا ئوربېتاغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر