10.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2137896
10.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ياۋروپا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە، دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان چەتكە قېقىش سىياسەتلىرى ئالدىدا، ئىلكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىش ھەمدە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، بىرازىلىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ۋەھشىيلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ «تۈركىيە ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى» دېگەن سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرى قەتئىي شەكىلدە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت بولۇپ، رېئاللىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بىز ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىىمىز بىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودا مەسىلىسىدە چىقارغان قارارىمىزنىڭ ئارقىسىدا تۇرماقتىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودىنى توختىتىش قارارىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە بۇنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە رەقەملىك تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ باش ئەمەلدارى ئېلاد بارشان بايانات بېرىپ: «بۇ (قارار) بىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىغا زەربە بەردى» دېگەن.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ بايراق توشۇغۇچى شىركىتى—تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY)نىڭ 2023-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان جەرياندا 23 مىليون 600 بولغا جەمئىي يولۇچى سانىنى بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە %8 ئاشۇرۇپ، 25 مىليون 500 مىڭغا يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر