09.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2137329
09.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئاسادوۋنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززەدىكى پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلىنىڭ، «غەززەگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ %30 نى ئەۋەتىۋاتقان تۈركىيە، پەلەستىنلىكلەرگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان دۆلەتتۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، گىرېتسىيەدە باش مىنىستىر كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ 13-ماي (2024) تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»،  ئارتۋىننىڭ چورۇھ دەريا بويلىرىدىكى كۆللەردە ئۆتكەن يىلى (2023) 14 مىڭ 400 توننا تۈرك سومۇن بېلىقى يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ يەرلەردە يېتىشتۈرۈلگەن تۈرك سومۇن بېلىقلىرىنڭ ياپونىيە ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ھۆكۈمەتنىڭ تاشلىغان ئىقتىسادىي  قەدەملىرى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك پىروگراممىلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشان بويىچە ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشى ھەمدە خەلقئارا دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىنىڭ ئىجابىي قارارلىرى نەتىجىسىدە، تۈركىيە لىراسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر