07.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2136315
07.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئىراق ۋە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ساھەسى بارغانسېرى تارىيىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تېخىمۇ ئەجەللىك زەربىنىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازدى:

«ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ  تېررورىزمدىن خالىي بىر مۇھىتتا ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ئوخشاش قەدەمنى بېسىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«بارلىق غەرب ئاكتىيورلىرىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمەن.»

«‹سىتار› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۈلگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى:

 «بىز قوللاۋاتقان قېرىنداش دۆلەتلەر بىزدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئوخشاش قوراللىق كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئاپرېل ئېيىدا ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى  ئېكىسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 2.1 ئېشىپ ، 2 مىليارد 746 مىليون دوللارغا يەتتى. تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ساھەسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسى دۆلەت ئېكسپورتىدا % 16.8 نى ئىگىلىدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈرك ئالىملارنىڭ مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈرك ئالىم مۇرات گۆكچە ۋە ئۇنىڭ ئايالى خىمىيە ئىنژېنېرى سوننۇر گۆكچە ئىجاد قىلغان «مودۇللۇق باللىستىك لېگو بېتون» ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى ئارقىلىق سىناق قىلىندى. 14.5 مىللىمېتىرلىق ساۋۇتنى تېشىپ ئۆتىدىغان ئوق لېگو بېتون تەرىپىدىن توختىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر