06.05.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ «ئەلئەرەبىييە تېلېۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «غەززەدە بۇ تىراگېدىيەلەردىن ساۋاق ئالمىساق ۋە مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىمىساق، بۇ ئاخىرقى غەززە ئۇرۇشى بولمايدۇ. بىزنى باشقا ئۇرۇشلار ۋە كۆز-ياشلىرى كۈتۈۋاتقان بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللەۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى رامكىسىدا، 5 مىڭ 66 توننا ياردەم قاچىلانغان «ياخشىلىق پاراخوتى» نىڭ مەرسىن پورتىدىن غەززەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سېلىنما ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بۇراك تاغلىئوغلۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى (2023) جەلپ قىلغان خەلقئارا مەبلەغ تۈرلىرى بىلەن ياۋروپادا چەت ئەل مەبلەغلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە 4-ئورۇنغا ئۆرلىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ستار گېزىتى»، ئوتتۇرا ياۋروپاغا جايلاشقان سىلوۋېنىيەنىڭ 600 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «دىۋاكا-كوپېر تۆمۈر يولى لايىھەسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى تۈركىيەگە ھۆددىگە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، تۆمۈر يولىنىڭ 2026-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«خەبەر تۈرك گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ «6A-تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھىنى ياساش ۋە سىناق باسقۇچلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ئىيۇندا (2024) ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىغا جايلاشقان سپېيس ئېكس (Space-X) مەركىزىدىن ئالەمگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17.05.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: