03.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2134858
03.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان <گېرمانىيەدىكى ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا سۈكۈت قىلالمايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ سولىنگېن شەھىرىدىكى 4 تۈرك ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمغا بولغان نارازىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغان بۇ مەسىلىنى گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمېيېرغا يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قەبىھ ۋەقەلەر ئالدىدا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلالمايمىز، بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۆزىتىمىز.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەرب ئەللىرىدە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەققىدە غەربنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق  دېگەنلىكىنى يازدى:

«ئەسەبىي ئوڭچىل ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بىۋاسىتە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشى ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلارلىق ئىشتۇر، سەتچىلىكتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، غەربتىكى مۇسۇلمانلار ۋە كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار تەكشۈرۈش باسقۇچىدا يوشۇرۇلماقتا.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرگە زوراۋانلىق قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«بىر قىسىم داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتلاردىكى ۋىجدانلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار بۇ قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ھالبۇكى، ئۇلار زوراۋانلىققا ۋە تەن جازالىرىغا ئۇچرىماقتا، ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئاكادېمىكلار ئىشتىن بوشىتىلماقتا، چەتكە قېقىلماقتا.»

«‹سىتار› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا سۇنغان دېلوغا ئارىلىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، مىنىستىر فىداننىڭ بۇ باياناتىنىڭ دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەسىر قوزغىغانلىقىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، ئىراق چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت رايونلىرىغا يېقىن نۇڭتىلاردا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق  دېيىلگەن:

«بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىراق بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر