02.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2134293
02.05.2024

«‹سىتار› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «1-ماي ئىشچىلار ۋە ھەمكارلىق بايرىمى كۈنى» تەبرىكلەپ مۇنداق  دېگەنلىكىنى يازدى:

«مېھنەتكەش ئىشچىلىرىمىزنىڭ 1-ماي ئىشچىلار ۋە ھەمكارلىق بايرىمى كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، دەرۋەقە، بۇ كۈن مەملىكىتىمىزدىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ تەبرىكلەنمەكتە.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ، تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرسۇدى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق  دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«تۇنجى قېتىم شۇنى ئېلان قىلىمەنكى، جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا سۇنغان دېلوغا بىزمۇ ئارىلىشىشنى قارار قىلدۇق.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى)  مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلمازنىڭ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى:

«ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىز دائىرىسىدە، مەۋجۇت دوستلۇقىمىز ھەم قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى تىلدا، پىكىردە ۋە خىزمەتتە بىرلىك شۇئارى ئارقىلىق يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيە يەتكۈزىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش نىشانى ھەققىدە خۇش خەۋەر  بېرىپ مۇنداق  دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

«6-ئايدا ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ جەنۇبىدا نېفىت قۇدۇقى كولايمىز، سىنوپ، ترابزون ۋە رىزە دېڭىز ساھىللىرىدىمۇ نېفىت قۇدۇقى كولايدىغان جايلاينى بېكىتتۇق.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيەگە كەلگەن، تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەن ۋە ترانزىت يولۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت پاراخوتلىرى يولۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 79.15 ئېشىپ، 61 مىڭ 113 كە يەتكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر