15.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2127789
15.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تەرەپلەر سالماق بولۇشقا چاقىرىلغان باياناتتا، «ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئىران ئەلچىخانا بىناسىغا قىلغان خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ھۇجۇمى، قايغۇلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئىراننىڭ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشى ۋە كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەر، ۋەقەلەرنىڭ رايوندا تېز سۈرئەتتە ئۇرۇشقا سەۋەب بولۇش مۇمكىنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى» دېيىلدى.

«ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن (14-ئاپرېل) ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسىرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايوندا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنداق ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»،  دۇنيا ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنقەرەنىڭ ھۇجۇمدىن ئىلگىرى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىران بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۆزئارا ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق بىر-بىرىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئىراققا قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پ ك ك نى قوللىغان يېزا ۋا بازارلارنىڭ تازىلىنىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن مېتىنا، ھاكۇرك، زاپ، ئاۋاشىن ۋە ھافتانىن قاتارلىق جايلاردا ئۇۋا تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوقىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كېيىنكى باسقۇچتا، ماھمۇر، سۈلەيمانىيە، قاندىل ۋە سىنجار رايونلىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر