03.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2124186
03.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىدا ئېلىپ ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، گىرېتسىيە ئاراللىرىدا تۈركىيە پۇقرالىرىغا تاموژنىدا ۋىزا بېجىرىش دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ گىرېتسىيەنىڭ 10 ئارىلىدىكى پورتلاردا 60 ياۋرو تۆلەپ، بىر ھەپتىلىك ۋىزا ئالالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»،  رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىن 707 يولۇچىنى ئېلىپ يولغا چىققان «ئاستورىيا گراند» (Astoria Grande) ناملىق ساياھەت پاراخوتىنىڭ، مىسىردىن كېيىن ئىزمىردا لەڭگەر تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ ئىزمىر مەركىزىدىكى كەمەرئالتى تارىخىي بازىرى بىلەن سەلچۇق ناھىيەسىدىكى ئەفەس قەدىمكىي شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەدە مارت ئېيى (2024) دا ئاپتوموبىل سېتىشتا رېكورت يارىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مارت ئېيىدا جەمئىي 109 مىڭ 828 مىڭ دانە ئاپتوموبىل سېتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»،  شاھمات ئويناش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 12 ياشلىق ياغىز كائاننىڭ «چوڭ ئۇستا» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شاھمات تارىخىدا بۇ نامغا ئېرىشكەن ياغىز كائان بىلەن، تۈركىيەدىكى «چوڭ ئۇستا» لار سانىنىڭ 16 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر