11.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2113674
11.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەردوغان-زېلېنسكىي ئۇچرىشىشىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدە قىزىق تېما بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فىرانسىيە تاراتقۇسىدا «زېلېنسكىي تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا ئىشىنىدۇ» سەرلەۋھىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزىدا، تۈركىيەنىڭ يېڭى ئەۋلاد يەرلىك ۋە مىللىي قورال-ياراغلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ئوينىغان رولىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمدە تۈركىيەگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، شىرناكتا تېررورلۇق تەشكلاتىدىن تازىلانغان گابار ۋە جۇدى تاغلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رايوندا 2019- ۋە 2020-يىللىرى قېزىلغان قۇدۇقلاردىن كۈنىگە 37 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، بايراكتار «2-ت ب» (Bayraktar TB2) قوراللىق ئۇچقۇ ئېكسپورتىغا مالدىۋېلەرنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مالدىۋېلەر تۈركىيەدىن قوماندانلىق كونترول ئىستانسىسى ۋە ئالتە دانە بايراكتار «2-ت ب» ئۇچقۇسى سېتىۋالغان بولۇپ، كېلىشىم رامكىسىدا مال تاپشۇرۇش ئىشلىرى باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر