26.05.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1991150
26.05.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتىنىڭ مالايشىياغا تەخمىنەن 100 مىليون دوللار قىممىتىدە ئۈچ دانە ئانكا (ANKA) ئۇچقۇ سىستېمىسىنى ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ سىجىل ئېنېرگىيە ئۈستىدە توختىلىپ: «ياۋروپادا بەشىنچى، دۇنيادا 12-ئورۇندا تۇرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئىران دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مەجىد چەگەنىنىڭ ئىراننىڭ ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلغاندا، بۇنى تۈركىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»،  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كۆك بايراق ھەيىئىتى تەرىپىدىن «2023-يىللىق كۆك بايراق مۇكاپاتى» نىڭ تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ يىل (2023) تۈركىيەدە 551 سۇ دېڭىز ساھىلى، 23 ساياھەتچىلىك پورتى، 14 ساياھەت پاراخوتى ۋە 10 خۇسۇسىي ساياھەت پاراخوتىغا كۆك بايراق ئېسىلىدىكەن.

 «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيەدىن يانۋار ئېيىدىن ئاپرېل ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 13 مىليون 468 مىڭ دوللار قىممىتىدە ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.   


خەتكۈچ: #داباھ , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر