27.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1938653
27.01.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇستەقىل ۋە پىرىنسىپال لىنىيەسىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مەتبۇئات – تارقىتىش پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى ئىپتىدائىي شەكىلدىكى تەتۇر تەشۋىقاتتۇر» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قەبىھ قىلمىشقا يول قويۇش ئارقىلىق جىنايەتنىڭ شېرىكىگە ئايلاندى. بۇ پەسكەشلارچە قىلمىش ئەمەلىيەتتە بىر ئۆچمەنلىك جىنايىتى، ئىرقچىلىق قىلمىشىدۇر. ھېچكىم بىزگە بۇنى پىكىر ئەركىنلىكى دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنمىسۇن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: دائېشقا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن سۇرىيەگە ئورۇنلىشىپ، پ ك ك نىڭ يولىنى داغداملاشتۇرغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېش تېررورچىلىرىنىمۇ  قوغدىغانلىقىنىڭ رەسمىي ئىسپاتلانغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بايانات بېرىپ، تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى (تېررورچىلاردىن) خالىيلاشتۇرۇۋاتقاندا، ئامېرىكانىڭ — مايك پومپىيو مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى — CIA دىرېكتورى بولغان مەزگىلدە — دائېش ئەزالىرىنى ئوغرىلىقچە ئافغانىستانغا يۆتكىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ستار» گېزىتى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا توققۇز پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە يەنە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جىددىيچىلىك ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز، بىز پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتىنىڭ بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ 2022- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە %6.2 لىك ئېشىپ، كۈچلۈك ۋە تەڭپۇڭ ئىقتىسادىي ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر نەباتى: «بۇ تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە بىزنىڭ مۇستەھكەم ئىقتىسادىي ئاساسىمىز، يولغا قويۇلغان ئۈنۈملۈك سىياسەتلىرىمىز ۋە روياپقا چىقارغان تۈركىيە ئىقتىساد ئەندىزىسى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر