تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 27.11.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

855726
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 27.11.2017

ساباھ گېزىتى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇھىم كۆرۈشۈشلەرنى ئېلىپ باردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەل سانى ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن ئەل-سانى كۆرۈشكەندە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت، سوچى مۇزاكىرىلىرى ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشكەن. ئەردوغان بىلەن بورىسوۋ كۆرۈشكەندە بولسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئىككى رەھبەر  بالاتتىكى تۆمۈر چىركاۋىنى 2018-يىلى 7-يانۋاردا ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا بىرلىكتە قاتنىشىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقان.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «لوندوندا تۈرك سېلىنمىسى بىلەن تۇنجى سېلىنما بانكىسى ئېچىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم لوندوندا تۈركلەر مەبلەغ سالغان <  DOME گۇرۇھى> سېلىنما بانكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يىلدىرىم مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: دوغۇش گۇرۇھى، پىپا گۇرۇھى ۋە باشقا شىرىكلەر بۇ بانكا ئارقىلىق ھەم تۈركىيەگە ھەمدە ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، لوندوندا تۈرك بانكىسىنىڭ ئېچىلىشى باشقا كارخانچىلارغا ئۆلگە ۋە ئىلھام بولىدۇ.»

سىتار گېزىتى «تۈركىيە ئەسكەرلىرى گاباردا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى » سەرلەۋھىلىك  خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «شىرناكتا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن توختاۋسىز ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، گابار تېغىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ناھايىتى كەسكىن ئۆتكەن، شىرناقتىكى بەستلەر-دەرەلەر رايونىدا 11 كۈن داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە پ ك ك نىڭ غوللۇق كاتتىباشلىرى بولۇپ نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «تۈركىيە مىسىر ئۈچۈن ماتەم تۇتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگەن سۇندى: «مىسىردىكى ئەل-راۋدا جامەسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تۈركىيەدە بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدىكى دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا تۈركىيە بايرىقى يېرىم چىقىرىلىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆتكەن جۈمە كۈنى سىنانىڭ ئارىش شەھىرىدىكى راۋدا جامەسىگە ھۇجۇم قىلىپ 305 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ 128 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى. دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن مىسىردا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر