ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگرا بېكىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە گازاھ ۋىلايىتى چېگراسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنىڭ 1976-يىلىدىكى يەر شەكلى خەرىتىسىگە ئاساسەن بەلگىلەش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

2140320
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگرا بېكىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شاھىن مۇستافايېف بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مېر گىرىگوريان رىياسەتچىلىكىدىكى چېگرا بەلگىلەش كومىتېتلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنى ئىككى دۆلەت چېگراسىدا ئېچىلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، تەرەپلەر گازاھ رايونىدىكى چېگرا لىنىيەسىنىڭ كوئوردېناتىنى بېكىتىش مەسىلسىىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تەرەپلەر ئەرمېنىيە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئەزەربەيجاننىڭ تۆت يېزىسى بىلەن ئەرمېنىيە يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىنىڭ كوئوردېناتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنىڭ 1976-يىلىدىكى يەر شەكلى خەرىتىسىگە ئاساسەن، بېكىتىشكە قوشۇلغان ۋە كېلىشىم ئىمزالىغان.

كومىتېتنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق يىغىنىدا، ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا (2016-يىلى) ئىشغال قىلغان باگانىس ئايرىم، تۆۋەنكى ئەسكىپارا، خەيرىملى ۋە قىزىلھاجىلى يېزىلىرىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇشقا قوشۇلغانىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى چېگرادا گېئودېتىك ئۆلچەشنى باشلىغان ۋەئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىغا تۇنجى قېتىم چېگرا تېشى قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر