ئۆزبېكىستان رۇسىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆپلەپ ئىشچى چىقىرىشقا يۈزلەندى

ئۆزبېكىستان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە ئايرودۇرۇملىرى ۋە قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزلىرىدا ساقلىتىپ قويۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئەمگەك كۈچى ئېكسپورت قىلىشقا تىرىشماقتا.

2136960
ئۆزبېكىستان رۇسىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆپلەپ ئىشچى چىقىرىشقا يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆزبېكىستان پەرغانە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللو بوزوروۋنىڭ جىددە شەھىردىكى زىيارىتى جەريانىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، 100 مىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىدۇ.

پەرغانە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللو بوزوروۋنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان مىللىتى ئۆزبېك بولغان ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار بىلەن ئۇچراشقان.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئۆزبېك ۋەكىللەر ئۆمىكى «Vision Ambassadors» ۋە «Bahra Electrics» شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستاندا باقمىچىلىق، مىس پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېلېكتىر سىمى ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلان قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزبېك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، ئۆزبېكىستاندا ئەرەب تىلى كۇرسلىرىنى ئېچىش، ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش ۋە ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۆزبېكىستان يانۋاردا (2024) قاتار بىلەنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

كۆچمەن ئىشچىلار ئائىلىلىرىگە ئەۋەتىدىغان پۇل، ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. 2022-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمى 16.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %21 گە توغرا كېلىدۇ.

پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ پەرمان چۈشۈرۈپ، تاشقى ئەمگەك كۈچى كۆچ ئىدارەسىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتتى. پەرمان بويىچە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، لاتۋىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە، ياپونىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە مەسلىھەتچىلەر تۇرغۇزۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر