ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ

ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.

2137102
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان  باياناتىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ  بۇ دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىزىججارتونى قوبۇل قىلغان.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئۆزبېكىستان – ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، سانائەت، دورا سانائىتى، مائارىپ، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق، ئەشيا ئوبوروتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇچرىشىشتا، ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش لايىھەلىرى ئۈچۈن تاشكەنت ئەتراپىدا دەرھال ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا  ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.

ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىزىججارتو زىيارىتى دائىرىسىدە يەنە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەيدوۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئۆزبېكىستان – ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، سەيدوۋ بىلەن سىزىججارتو 2024-2026-يىللىق ئۆزبېكىستان - ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئارا ھەمكارلىق پىروگراممىسى ۋە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق لايىھەسىنى ئىمزالىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر