ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجاننىڭ چېگرا بەلگىلەش كېلىشىمىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان چېگرا بەلگىلەش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2133042
ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجاننىڭ چېگرا بەلگىلەش كېلىشىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بلىنكېننىڭ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋگە تېلېفۇن قىلىپ، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا چېگرا بەلگىلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغالىقى ئۈچۈن تەبرىكلىگەنلىكى ۋە بۇنى ئامېرىكانىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ئايرىش كومىتېتى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ دىيالوگ ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرەلەرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

چېگرا بەلگىلەش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىقنى قوغداش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەتتە يەنە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، كىشىلىك ھوقۇق، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات (2024-يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى) قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر