تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشى ئاشخابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشى يىغىنى 12 - مارتتا تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2113579
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشى ئاشخابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاقساقاللىرى (مەسلىھەتچىلىرى) قاتنىشىدىغان يىغىندا، كېڭەشنىڭ رەئىسى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يىغىندا ئىلگىرى ماقۇللانغان قارارلار مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللىرى مۇشۇنىڭ بىلەن 15 - قېتىم بىر يەرگە جەم بولغان بولىدۇ.

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىممۇھەمەدوۋ مېھمانلارنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس قارارنامە چىقاردى.

تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي رەھبىرى ۋە ئاقساقىلى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا كۈتۈۋېلىنىدىغان ئاقساقاللارغا، رەسمىي ئىپتار زىياپىتى بېرىلىدۇ ۋە زىياپەتتە قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىدۇ.

كېڭەش يىغىنىغا، تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان، شۇنداقلا كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋېنگىرىيە يوللىغان ئاقساقاللارمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر