قازاقىستاندا  بىر مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ 13 كىشى قازا قىلدى

بۈگۈن (30 - نويابىر) ئەتىگەندە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 13 كىشى قازا قىلدى.

2070869
قازاقىستاندا  بىر مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ 13 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە،  30 – نويابىر ئەتىگەن سائەت 05:33 دە، ئالمۇتا شەھىرى ئادى شەرىپوف كوچىسى 86 – نومۇرلۇق بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر دوكلات تاپشۇرىۋېلىنغان. تۇنجى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 7 مىنۇتتىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى يېتىپ بارغاندا ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتى ۋە مېھمانخانا قىلىپ ئىشلىتىلگەن بىرىنچى قەۋىتى كويۈۋاتقان بولۇپ، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئۆچۈرۈش تىرىشچانلىقىغا قارىماي 13 كىشى قازا قىلغان.

ساقچىلار ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈملەر كاربون ئوكسىددىن زەھەرلىنىش تۈپەيلى يۈز بەرگەن.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە مېھمانخانىدا 72 كىشىنىڭ بارلىقى، 59 كىشىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن قۇتۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئوت ئەتىگەن سائەت 06:22 دە ئۆچۈرىۋېلىندى.

كۆيۈپ كەتكەن يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلۈمى 30 كۋادرات مېتىر دەپ ھېسابلاندى، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر