قازاقىستاندىكى بىر كۆمۈر كاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 32 ئادەم قازا قىلدى

قازاقىستاندىكى بىر كۆمۈر كاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 32 ئادەم قازا قىلدى.

2057093
قازاقىستاندىكى بىر كۆمۈر كاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 32 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ قاراغاندى شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 32 كان ئىشچىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 14 ئىشچىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، كاندا 250 ئارتۇق ئىشچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 205 نىڭ يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىلغان.

پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېۋ كاننى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قازاقىستاندە 29 – ئۆكتەبىر مىللىي ماتەم كۈنى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر