ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

2031217
ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەيخۇن بايراموۋ «X» ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى يازمىسىدا، « قېرىنداش تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە قەھرىمانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق غەلىبىنىڭ نامايەندىسى بولغان زەپەر بايرىمىنىڭ 101 - يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن،  بۇ پۇرسەتتە تەبرىكلىرىمنى يوللاپ، شېھىتلىرىمىزنىڭ قەدىرلىك خاتىرىلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «قېرىنداش تۈركىيەنىڭ شانلىق تارىخىنىڭ بەتلىرىدىن بىرسى بولغان ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن 30-ئاۋغۇست زەپەرىنىڭ 101 - يىللىقىدا، بىز بۇ زەپەرنىڭ بىناكارى بولغان غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر