تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 19-مايدا  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى  پائالىيىتى دائىرىسىدە  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

1988131
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 19-مايدا  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى(GKK)  نىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە  ئۇرۇش پاراختلىرىدىن «TCG İmbat » ۋە «TCG Bozcaada» نىڭ 19 - مايدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتدە ئاممىنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى پائالىيىتى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پروگراممىدا، «TCG İmbatP-335» تورپېدو پاراخوتىنىڭ گىرنە ساياھەت پورتىدا ۋە «(F-500)TCG Bozcaada» كورۋېت پاراخوتىنىڭ غازى ئوسمان پاشا پورتىدا جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 گىچە زىيارەتكە ئوچۇق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر