ئەزەربەيجان: ئەرمېنىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى خالايمىز

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پارلامېنت ئەزالىرى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئاساف ھاجىيېۋ ئەزەلدىن ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارى بولمىغان ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1964668
ئەزەربەيجان: ئەرمېنىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاجىيېۋ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسپانىيەنى قوللىدى ۋە بۇ تەلەپنى <قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەلەپ> دەپ ئاتىدى. ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىىدىغانلار <قاراباغ مەسىلىسى> گە كەلگەندە، قاراباغنىڭ ئەرمەنلەرگە بېرىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى. ئىسپانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگىمۇ ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى باردۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنىڭ ئىسمى <قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇش> بولىدۇ. بۇنى باشقا شەكىلدە ئىزاھلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ «قاراباغ ئۇرۇشى» نەتىجىسىدە ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئەرمېنىيە دىيالوگ ئورنىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان تەقدىردە، ئەزەربەيجاننىڭ قالغان زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن قىلچە ئايانمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھاجىيېۋ ئەزەلدىن ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارى بولمىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بىز ئەرمېنىيە بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز. چۈنكى ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا نۇرغۇن ياشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. بىز ئەرمېنىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايمىز. شۇنداقلا ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەس، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە دىيالوگ ئورنىتىش ئارقىلىق قالغان زېمىنلىرىمىزنىمۇ بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر