تاتار: قىبرىس تۈركلىرى مۇستەقىللىقتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار قىبرىس تۈركلىرى بىلەن رۇملارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر دۆلەتتە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تەبىئىي مېخانىزىمنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1962250
تاتار: قىبرىس تۈركلىرى مۇستەقىللىقتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار  جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇستەقىللىقىنىڭ 40 – يىللىقىنى تەبرىلەشكە تەييارلىنىۋاتقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تاتار شىمالىي قىبرىسنىڭ ئۆزىگە خاس ھەقىقىتى بارلىقىنى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار قىبرىستا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا مۇرەسسەلىشىشكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇرەسسەلىشىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئىكەنلىكىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت روشەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تاتار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ شىمالىي قىبرىس بىلەن جەنۇبىي قىبرىسنى بىرلەشتۈرۈش چاقىرىقلىرىنىڭ رېئاللىقتىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بىلەن رۇملارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر دۆلەتتە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تەبىئىي مېخانىزىم يوق. چۈنكى قىبرىسنىڭ ئۆزىگە خاس ھەقىقەتلىرى بار. ئۇدا 60 يىلدىن بۇيان ھەممە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بېكىتتى. مەن رۇمچە بىلمەيمەن، رۇملارمۇ تۈركچە بىلمەيدۇ. مەن رۇملارنى تونۇمايمەن، رۇملارمۇ مېنى تونۇمايدۇ. سودا دۇنياسى ھەر ئىككى تەرەپتە پۈتۈنلەي بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ جەھەتتە، ئىككى مىللەتلىك فېدېراتيسىيەلىك تۈزۈمدىن سۆز ئېچىش بىلەن مەلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئەرسىن تاتار ھەمكارلىق ۋە مۇرەسسەچىلىك ئەمەلگە ئاشقاندىلا ئاندىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە تۈركىيەدىن كەلگەن سۇدىن جەنۇبىي قىبرىس بىلەن ئورتاق  بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر