ئىلھام ئەلىيېۋ ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن ئەزەربەيچان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى مۇزاكىرىلەشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە تېلېفوندا مۇزاكىرىلەشتى.

1939141
ئىلھام ئەلىيېۋ ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن ئەزەربەيچان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋگە تېلېفون قىلغانلىقى ھەمدە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىخەتەرلىك مەسئۇلى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈپ، يارىلانغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن سالامەتلىك تېلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ تېھران ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ قانلىق ھەرىكەتنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈلىشىنى ھەمدە جىنايەتچىلەرنىڭ جازالىنىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رەئىيسىنىڭ ئىلھام ئەلىيېۋغا ھۇجۇمنىڭ كۆلۈمى ھەققىدە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «ئىران بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ۋە قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلمەس كۈلتۈر ۋە تارىخىي رىشىتلەرنى ئاساس قىلىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا رەئىيسىنىڭ ئىران ۋە ئەزەربەيجان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلى قازا قىلغان ۋە ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغان ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر