تۈركىيە، رۇسىيە ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتىنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1938803
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن بۈگۈن تېھراندىكى ئەلچىخانىمىزغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ئەلچىخانا ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا شېھىت بولغان ئورھان ئەسكەروۋنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى ساھىبا گافاروۋاغا تېلېفون قىلىپ ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى ھەمدە ئەلچىخانا خادىمى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتايمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «بىز ھەر دائىم ئەزەربەيجان بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋغا بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان خائىنلارچە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم ئەزەربەيجان بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتا تېھراننىڭ ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان خىيانەتچى ھۇجۇمنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن دائىم بىللە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك: «قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى لەنەتمىز» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى كۇبانىچبەك ئۆمۈرئالىيېۋمۇ تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىز ئىران دائىرىلىرىنىڭ بۇ زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلارنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى.

بۈگۈن ئەتىگەندىكى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان ئەترەتنىڭ باشلىقى قازا قىلغان، ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر